• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئىستانبۇلدا جۇمھۇرىيەت كۈنى خاتىرىلەندى

مۇشۇ ئاينىڭ 12- كۈنى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 79 يىللىقىنى خاتىرلىدى. ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ  ۋەكىللىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئاكادېمىكلار، تەتقىقاتچىلار ۋە پائالىيەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن  كىشى بۇ مۇراسىمغا قاتناشتى.

   مەزكۇر پائالىيەتنى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان فېدىراتسىيەسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئويۇشمىسى، ئۇيغۇر ئىلىم- مەرىپەت ۋەخپى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى قاتارلىق 10 تەشكىلات بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىننىڭ ئېچىلىش قىسمىدا  تەتقىقات مەركىزىمىزنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس سۆز قىلدى.

خىاتىرىلەش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، يىقىلىش سەۋەبلىرى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ