• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

يېڭى دوكلات، يېڭى پاكىتلار: خىتايدا ئىسلام ئۆچمەنلىكى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى

ئاخبارات باياناتى

2023- يىلى 11- ئاينىڭ 23- كۈنى

contact@uyghurstudy.org

 

كىشىلىك ھۇقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW)نىڭ بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا خىتاي رېجىمىنىڭ نىڭشىيا ۋە گەنسۇ قاتارلىق مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئۆلكىلەردە مەسچىتلەرنى تاقاۋاتقانلىقى، چېقىۋاتقانلىقى ياكى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقى ئەمەلىي مىساللار ۋە پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020- يىلىدىن بۇيان نىڭشىيادا 1300 مەسچىت تاقالغان ياكى ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، بۇ سان رايوندىكى ئۇمۇمىي مەسچىتلەرنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن. ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، بۇنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭ پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا ئىسلامىي ئىبادەتلەرنى چەكلەش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىلىق باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىمىز بۇ يىل ئاپرېلدا ئېلان قىلغان «خىتايدا ئىسلام ئۆچمەنلىكى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ پوزىتسىيەلىرى» ناملىق چوڭ ھەجىملىك دوكلاتتا، خىتايدىكى ئىسلاموفوبىيا مەسىلىسى ئەتراپلىق يۇرۇتۇلغانىدى. كشىلىك ھۇقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ يېڭى دوكلاتى مەزكۇر مەسىلىگە دۇنيانىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم تارتتى. دوكلاتتا ئېنىق كۆرسىتىلگەندەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا مەيدانغا كەلگەن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىيات ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. بۇ، 2017- يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىسلامغا قارشى ئ‍ۇرۇشنىڭ ئەمدى پۈتۈن خىتاي مىقياسىغا كېڭەيگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

خىتايدىكى ئىسلام دۈشمەنلىكى رەسمىي دۆلەت سىياسىتى شەكلىنى ئالغان بولۇشىغا قارىماي، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2014- يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى كۆپلىگەن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلدى. ئۆتكەن بىر قانچە يىل مابەينىدە، خىتاي رېجمى، ئۇمۇمەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈت قىلىشى، خۇسۇسەن مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، شەرقىي تۈركىستاندا «قايتا تەربىيەلەش ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش» باھانىسىدە مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا سۇلىدى ۋە مىڭلىغان مەسچىتلەرنى ۋەيران قىلدى. ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيەسى خىتاي دائىرىلىرىنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈردى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلىك ھۇقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ يېڭى دوكلاتى ئالدى بىلەن بىزنىڭ خىتايدىكى ئىسلاموفوبىيا ھەققىدىكى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇشىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بىز يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دوستى ئەمەس، ئۇ تاشقى جەھەتتە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ئالداپ، ئۆزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ دوستى قىلىپ كۆرسەتكەن بىلەن، ئىچكى قىسىمدا ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى يۇقۇتۇشقا تېرىشىۋاتىدۇ، دەپ كەلدۇق. ئىككىنچىدىن، خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشنى شەرقىي تۈركىستاندىن باشقا خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېڭەيتىشى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى ئاتالمىش تېررورلۇق ۋە رادىكاللىق بىلەن ئەيىبلىشىنىڭ تامامەن ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ۋە خىتاينىڭ ئەسلى مەقسىدىنىڭ ئىسلامنى يۇقۇتۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداق، بىز ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقاندەك، خىتاينىڭ مەقسىدى ھەرگىزمۇ «ئاشقۇن ئۇيغۇرلارنى تەربىيەلەش ياكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىسلامى كىملىكىنى يۇقۇتۇش. ئەپسۇسكى، دۇنيا بۇنىڭغا سەل قارىدى، ئىسلام دۇنياسى قارشى تۇرۇش ئورنىغا، سۈكۈت قىلىشنى ياكى خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى تاللىدى. مانا بۈگۈن خىتاينىڭ خورىكى تېخىمۇ ئېشىپ كەتتى. خىتايدا ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسەتلەر تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كەتتى .»

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خىتاي رېجىمىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىشىغا، مەسچىتلەرنى چېقىپ، دىنىي ئورۇنلارنى چەكلىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. شۇنداقلا مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى بۇنىڭغا كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈپ قارشى تۇرۇشقا، داۋاملىق سۈكۈت قىلىش ياكى خىتاينى قوللاش ئارقىلىق ئۇنى ئىسلامغا قارشى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشتە تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرمەسلىككە چاقىرىدۇ.

 

 

 

 

 

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ