• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئۇيغۇر ھەيئىتى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ئۇيغۇر ھەيئىتى مۇشۇ ئاينىڭ 12 – 13- كۈنلىرى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلىپ، ھەر قايسى پارتىيەلەرنىڭ مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

7- ئاينىڭ 12- كۈنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئەخمەت قىلىچ بىلەن ئوسمان مەستەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى رىشات ئابباس، ئۇيغۇر ئاكادېمىيە باش كاتىپى ئابدۇلھامىد قاراخان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئابدۇقادىر ئابدۇلكېرىم، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مۇدىرى روشەن ئابباس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىستىن تەركىب تاپقان ئۇيغۇر ھەيئىتىنى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىلىرىدا قوبۇل قىلدى.  ئۇچرىشىش جەريانىدا مەزكۇر ھەيئەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. بۇ پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللىرىدىن كېلىشچە تېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇ كۈنكى زىيارەتتە ئۇيغۇر ھەيئىتى يەنە ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن يۈكسەل سەلچۇق تۈركئ‍وغلۇ ۋە بىلال بىلىجى ئەپەندىلەر بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارادىكى يۈزلىنىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ پارلامېنت ئەزالىرىمۇ «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئاكتىپ ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى مۇدىرى روشەن ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئۇيغۇر ھەيئىتى يەنە 7- ئاينىڭ 13- كۈنى تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى باشلىقى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، سابىق تۈركىيە ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرى دەريا يانىق خانىم  بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھۇقۇق ۋەزىيىتىنى تۇنۇشتۇردى ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دەريا يانىق خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تېرىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. مەزكۇر ھەيئەت، 13- ئىيۇل كۈنى يەنە تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى، ھازىرقى دەۋا پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا يەنەرئوغلۇ بىلەنمۇ ئۇچراشتى. مۇستافا يەنەرئوغلۇ ئەپەندىمۇ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

 

 

 

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ