• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى خىتاينىڭ  ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىنى يۆگەيدىغان تەشۋىقات قۇرالىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى

ئاخبارات باياناتى

2023- يىلى 06- ئاينىڭ 06- كۈنى

contact@uyghurstudy.org

 

خىتاينىڭ دۆلەت تاراتقۇسى يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 5- كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئۆمىكى 30- مايدىن 2- ئىيۇنغىچە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىنى ئىنكار قىلغان. مەزكۇر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئۆمەك مىسىر، سەئۇدىي ئەرەبىستان ۋە ئالجىرىيە… قاتارلىق 16 دۆلەتتىن كەلگەن 34 نەپەر يۇقۇرىي دەرىجىلىك ئەمەلداردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلار خىتايدىكى بىر قاتار ئۇچرىشىش ۋە دىئالوگلاردىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەقسەتلىك ھالدا رايوننى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئېنىقكى، بۇ زىيارەتمۇ خىتاي رېجىمىنىڭ مۇسۇلمانلارنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قوزغىلىشىتىن تۇسۇش ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ساختا ئۇچۇر تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتلىرى بىلەن بىر قىسىم ئۆلىمالار ۋە ئاكادېمىسيەنلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىنى يۆگەش ئۈچۈن ھازىرلىغان ساختا سەھنىلىرىنى زىيارەت قىلغۇزغان ۋە ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بۇيىماقچى بولغانىدى. بۇ قېتىم ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ زىيارەت ئۆمىكى ئوخشاش قىلتاققا دەسسىدى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ۋە ئىسلامغا قارشى جىنايەتلىرىگە شېرىك بولدى.

2022- يىلى 8- ئايدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيلىققا قارشى تۇرۇش جىنايىتى… قاتارلىق خەلقئارالىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئوخشاشلا، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىلگىرىكى دوكلاتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقى بايان قىلىنغانىدى.

نۆۋەتتە، تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى سەۋەبىدىن جازالىدى. نۇرغۇن غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى شۇكى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشمەكتە يوق، ئۇلار تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىۋاتىدۇ. بۈگۈن خىتاي رېجىمى ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى ئۆزىنىڭ ئويۇن مەيدانىغا ئايلاندۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن؛ ئەكسىچە، خىتاي رېجىمىنىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىغا گول بولۇپ، بۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇۋاتىدۇ.

ئۇيغۇر تەتقىقات مە ركىزىنىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي دائىرىلىرى ئىسلام دۇنياسىنى ئالداشقا بەك كۈچەۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي رېجىمى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ئورنىدىن دەست تۇرۇشىدىن  قورقىدۇ. بىز بارلىق مۇسۇلمانلارنى خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ئالدانماسلىققا، كىشىلىك ھۇقۇق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن ھەقلىق كۆرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويماسلىققا چاقىرىمىز. مۇسۇلمان دۆلەتلەر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان ۋە دەپسەندە قىلىنىۋاتقاندا، سۈكۈت قىلماسلىقى، ھېچبولمىسا جىنايەتچىگە چاپان ياپماسلىقى كېرەك. بولمىسا، ئۇلار تارىختا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى جىنايىتىگە شېرىك بولغان، ئۆز قېرىنداشلىرىنى تاشلىۋەتكەن ۋە ئۆز دىنىغا قارشى ئۇرۇشقا سۈكۈت قىلغانلار سۈپىتىدە خاتىرىلىنىدۇ».

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنى خىتاينىڭ  ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىنى يۆگەيدىغان ساختا تەشۋىقات قۇرالىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ئۇزاق تۇرۇشقا چاقىرىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇھىم بىر رولچىسى، شۇنداقلا ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاساسىي سىياسىي گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىىلىق جىنايىتىگە چاپان يېپىش ئەمەس، دەل ئەكسىچە ئۇنىڭغا قارشى خەلقئارالىق كۆرەشكە باشلامچىلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ