• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە 2013- يىلىدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە مۇراجىئەت

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى

ئاخبارات باياناتى

2023- يىلى 06- ئاينىڭ 11- كۈنى

contact@uyghurstudy.org

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى خەلقئارا جەمئىيەتنى، بولۇپمۇ ھىندىستان دائىرىلىرىنى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن كەشمىرگە قېچىپ چىققاندىن كېيىن «چىگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەن» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن 2013- يىلىدىن بېرى ھىندىستان كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئادىل، ئابدۇخالىق ۋە سالام ئىسىملىك 16، 18 ۋە 20 ياشلىق بۇ ئاكا-ئۇكىلار ئۇرۇق-تۇققانلىرى خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بىر ۋاقىتتا يۇرتىدىن قاچقان.

ئۇلار خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئامالسىز چېگرادىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇ ئاكا-ئۇكىلارنى تۇتقان ھىندى-تىبەت چېگرا قىسىملىرىمۇ (ITBP) ئۇلارنىڭ يېنىدىن چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەندىن باشقا ھېچقانداق نەرسە تاپالمىغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ دېلوسى ئون يىلدىن بۇيان ھەل قىلىنمىغان. بۇ مەسىلە ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي ئەھمىيەت بېرىشىنى تەقەززا قىلماقتا.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ھىندىستان دائىرىلىرىنى خەلقئارا قانۇندا كۆرسىتىلگەن پرىنسىپلارنى، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك پرىنسىپلارنى قوغداشقا چاقىرىدۇ. دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ۋە خەلقئارا پۇقراۋى ۋە سىياسىي ھوقۇقلار ئەھدىنامىسى بارلىق شەخسلەرنىڭ ئاساسىي ھەق-ھوقۇقى ۋە سالامەتلىكىنى قوغداش ۋە ئاسراشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۈچىنچى بىر دۆلەتتە بىخەتەر ياشاش ئۈچۈن خىتايدىن قېچىپ چىققان بۇ ئۇيغۇر ياشلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئەمدى دۇنياغا سىر ئەمەس. بۇ رېئاللىقنى چىقىش قىلغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ قېرىنداشلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنىنى قوغداش ۋە ئىجرا قىلىش ئېھتىياجىنى چۈشەنسەكمۇ، لېكىن ئۇلارنى يەنىلا بۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىنى ئويلىشىشقا چاقىرىمىز. ھىندىستان دائىرىلىرى بۇ ئاكا-ئۇكىلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ناۋادا ئۇلار قايتۇرۇلسا، زىيانكەشلىككە ۋە ھاياتىي خەۋپكە ئۇچرايدۇ. بىز ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى ئۇلارنىڭ مەسىلىسىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە قوشنىدارچىلىق نوقتىسىدىن چىقىپ مۇئامىلە قىلىشقا، ئۇلارنى ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇشتىن خالاس قىلىشقا ۋە ئۇلارغا ھاياتىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى بېرىشكە چاقىرىمىز».

ئاخىرىدا، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى شۇنى تەكىتلەيدۇكى، ھىندىستان بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك قىممەت قاراشلىرىنى قوغداش ۋە خەلقئارالىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلالايدۇ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۆھپە قوشقان بولىدۇ.

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ