• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

گېرمانىيەدە بىر قاتار پائالىيەتلەر ئ‍ېلىپ بېرىلدى

29- ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 247 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. گېرمانىيەنىڭ يۇقۇرى قاتلام سىياسەتچىلىرى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بېرلىندىكى ئەلچىلىرى، دىپلوماتلىرى، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيەنىڭ سودا ساھەسىدىكى مەشھۇر زاتلار ئىشتىراك قىلغان بۇ يىغىلىشقا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئ‍ىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتاينىڭ بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس قاتارلىقلار قاتناشتى.

مۇراسىم جەريانىدا ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئامېرىكا باش ئەلچىسى ئەمىي گۇتمان ۋە گېرمانىيە مالىيە مىنىستېرى كرىستىيان لىندنېر قاتارلىق يۇقۇرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەربابلىرى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى، ئاكادېمىسيەنلەر ۋە مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. 30- ئىيۇن كۈنى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن روشەن ئابباس گېرمانىيە – ئامېرىكا ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئابدۇلھەكىم ئىدرىس گېرمانىيەدىكى پائالىيەتلىرى قاتارىدا يەنە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

3- ئىيۇل كۈنى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس ۋە ئاكسېل سپېرىنگېر ھۆرلۈك ۋەقپىنىڭ باشقۇرۇش دېرىكتورى ئانتژېس چىپمان قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت گېرمانىيە فدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك كومىسسارى فرانك شىۋاب تەرىپىدىن قۇبۇل قىلدى.  مەزكۇر ئۇيغۇر ھەيئىتى شۇ كۈنى يەنە گېرمانىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى مايكېل روس بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئ‍ىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابىنى يەتكۈزدى.

4- ئىيۇل كۈنى بۇ ھەيئەت گېرمانىيە پارلامېنت ئەزاسى رودرېخ كىېسۋېتېر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن روشەن ئابباس ئىككىسى يەنە 5- ئىيۇل كۈنى  ئاكسېل سپېرىنگېر ھۆرلۈك ۋەقپى ئورۇنلاشتۇرغان «ئاياللارنىڭ ئىلھامى» ناملىق پائالىيەتكە قاتنىشىپ سۆز قىلدى ۋە  مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

6- ئىيۇل كۈنى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس ۋە ئاكسېل سپېرىنگېر ھۆرلۈك ۋەقپىنىڭ باشقۇرۇش دېرىكتورى ئانتژېس چىپمان قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بۇ ھەيئەت گېرمان پارلامېنت ئەزالىرىدىن مايكېل براند، رېناتا ئالت ۋە خىرىستىيان دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي مەسلىھەتچىسى دانىيېل ئاندېراي قاتارلىقلار بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ باردى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ