• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى تۈركىيە پارلامېنتىدا «ئىسلام ئۆچمەنلىكى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش» تارماق كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى

ئاخبارات باياناتى

2023- يىلى 07- ئاينىڭ 20- كۈنى

contact@uyghurstudy.org

2023- يىلى 7- ئاينىڭ 19- كۈنى، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش كومىتېتى «ئىسلام ئۆچمەنلىكى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش» تارماق كومىتېتى قۇرۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلامغا قارشى سىياسەتلىرى، كىشىلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مەيدانغان كەلگەن كىشىلىك ھۇقۇق ۋە ئىسلام ئۆچمەنلىكى مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈدىغانلىقىنى جاكارلىدى. مەزكۇر تارماق كومىتېت ئىيى پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى سەلچۇق تۈركئوغلۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەش توغرىسىدا سۇنغان تەكلىپىگە بىنائەن قۇرۇلدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداشقا ئۆزىنى بېغىشلىغان بىر تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى تۈركىيە پارلامېنتىدا «ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش» تارماق كومىتېتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ. ئىشىنىمىزكى، بۇ تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك قەدەم تاشلاش يولىدىكى مۇھىم بىر ئىلگىرىلەشتۇر.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ قورۇلغانلىقى ئېلان قىلىنىشتىن بورۇن، 2023- يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دېرىكتورى رۇشەن ئابباس ۋە باشقا ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيە پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىدىن بولغان كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى دەريا يانىك خانىم قاتارلىق ھەر قايسى سىياسى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەنىدى. ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى كۆرۈشۈش جەريانىدا پارلامېنت ئەزالىرىغا تۈركىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولانغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى تەكشۈرىدىغان بىر مېخانىزم بەرپا قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغانىدى.

مەركىزىمىزنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە دەريا يانىك خانىم بىلەن كۆرۈشكەندە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشالمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىز يەنە، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىگە ئوخشاش ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارغا جازا يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلدۇق.  يەنە خىتاينىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىرقچىلىق سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە توختالدۇق. ئاخىرىدا، بىز پارلامېنتتا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىغا قارىتا تەكشۈرۈش مېخانىزمى تەسىس قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدۇق. تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىسلام دۈشمەنلىكى ۋە ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇشنى نىشان قىلغان بۇنداق بىر  تارماق كومىتېتنىڭ قۇرۇلۇشى تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئېزىلگەن كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغانلىقى ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىسلام دۈشمەنلىكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى قارار قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئىش باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىغا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن مىدىرلىشىدا ئۆلگىلىك رول ئوينايدۇ، دەپ قارايمەن».

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇ تارماق كومىتېتنىڭ ئۇيغۇر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىنى، شۇنداقلا ئىسلامغا قارشى سىياسەتلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئاشكارىلاش ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا ھۆكۈمەت، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئىنتايىن مۇھىم.

 

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ