• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ پائالىيەتلىرى ھىندىنوزىيەدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇشۇ ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە ھىندىنوزىيەدە يېڭىدىن بىر قاتار ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ھەر ساھە كىشىلىرىگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ يېڭى ۋە بىرىنچى قول مەلۇماتلارنى يەتكۈزدى. ھىندىنوزىيەدىكى نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتلەر ھىندىنوزىيە خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تونۇشلىرىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتلىرى ھىندىنوزىيە مىدىيالىرىنىڭمۇ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى مەملىكەتلىك ۋە يەرلىك تاراتقۇلار تەرىپىدىن كەڭ خەۋەر قىلىندى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ھىندىنوزىيەدىكى تەسىرىدىن چۆچۈگەن خىتاي رېجىمى بۇ دۆلەتتىكى خىتايپەرەست مىدىيالاردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىگە ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىغا قارشى تەشۋىقات ھۇجۇمىنى كۈچەيتتى، ھەتتا خىتتايپەرەست كۈچلەرنى تەشكىللەپ پائالىيەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى.

مۇشۇ ئاينىڭ 19- كۈنى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھىندىنۇزىيە ياشلار شۆبىسى بىلەن بىرلىكتە پايتەخت جاكارتادا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئ‍ۆتكۈزدى. يىغىن زالىنىڭ ئالدىغا بىر توپ خىتايپەرەستلەر توپلىشىپ، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھىنىدىنوزىيەدىكى پائالىيەتلىرىگە قارشى نامايىش قىلدى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىسنىڭ يېقىندا ھىندىنوزىيەچە نەشىر قىلىنغان «قىزىل قىيامەت: خىتاينىڭ ئسلام دۇنياسىنى مۇستەملىكە قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ناملىق كىتابىنى كۆيدۈردى.

خىتايپەرەستلەرنىڭ لوزۇنكىلىرىغا «ئابدۇلھەكىم ئىدرىسنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەشۋىقاتى دەرھال توختىتىلسۇن!»، «ئابدۇلھەكىم ئىدرىس چىگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى ۋە قايتا ھىندىنوزىيەگە كىرگۈزۈلمەسلىكى كېرەك…» دېگەندەك شۇئارلار يېزىلغان بولۇپ، ئۇلار ھىندىنوزىيە خەلقىنى «ئۇيغۇر تەشۋىقاتى»غا ئىشەنمەسلىككە چاقىردى. ھەتتا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھىندىنوزىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى «جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزغانلىق» دەپ ئەيىبلەپ، ھىندىنوزىيە ساقچىلىرىدىن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىسنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى خىتايپەرەستلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قارىماي، ھىندىنوزىيە ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلدى.

مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش  يىغىنىنىڭ خىتايپەرەستلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىشى ھىندىنۇزىيە مىدىيالىرى ۋە جامائەت پىكرى ئىچىدە زور غۇلغۇلا قوزغىدى. نەتىجىدە، ھىندىنۇزىيە تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۆرىدەپ بىر مەيدان مىدىيا ئۇرۇشى پارتلىدى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ