• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ھىندىنۇزىيەدە يېڭىدىن بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى

مۇشۇ ئاينىڭ 25- كۈنى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ھىندىنۇزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا مەزكۇر شەھەردىكى مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتىتى، ھىندېنۇزىيە يەر شارى تەتقىقات ئورنى… قاتارلىق ئىلمىي ئورگانلار بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان يەرلىك ۋە خەلقئارالىق خىرىسلار ھەققىدە بىر قېتىملىق يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۇيۇشتۇردى.

يىغىندا ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپلەردىن بىرى بولغان ھىدېنۇزىيە يەر شارى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئاسەپ سەتىئاۋان سۆز قىلدى. ئاسەپ سېتىئاۋان ئۆز سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلەپ ئۆتتى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر زۇلۇملاردىن بىرى بولۇشىغا قارىماي، دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر بۇنىڭغا سەل قاراپ كەلمەكتە. ھىدېنۇزىيەمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپلەردە، مەتبۇئاتلاردا ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلاردا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپلەپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش زۆرۈر».

يىغىندا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق كىرزىسلار ئۈستىدە توختالدى. ئۇ دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى يوشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي تەرەپنىڭ توختىماي مۇسۇلمان دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ۋە دىنىي ئۆلىمالار، زىيالىلار ۋە مۇخبىرلارنى خىتايغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى بوياشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ بۇنىڭغا ئالدانماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس يەنە مۇشۇ ئاينىىڭ 26- كۈنى جاكارتادىكى چوڭ ئۇنىۋېرسېتىتلاردىن بىرى بولغان پارا مەدىنە ئۇنىۋېرسىتىېتىدا زىيارەتتە بولدى. ئۇ زىيارەت جەريانىدا مەزكۇر ئۇنىۋېرسېتىتنىڭ مۇدىرى ۋە باشقا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، يېڭى ھەمكارلىق يوللىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى. شۇنداقلا ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدىكى يېڭى تەرەققىياتلارنى تۇنۇشتۇردى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرىدىن خايىرۇل ئانۋار ئەپەندى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ياشلار ياچېيكىسىنىڭ ھىندونېزىيە شۆبىسى مەسئۇلى ئاسترىد ناديا رىزقىتا خانىم ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تاشقى ئالاقە مەسئۇلى ھەزرەتئالى ھوشۇر قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت بۇ يىل 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە ھىندونېزىيەدىكى بەش چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا لېكسىيە بەرگەن ۋە چوڭ مەسچىتلەردە مۇسۇلمان جامائىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تۇنشتۇرغانىدى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ