• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

مالايسىيانىڭ سابىق باش مىنىستېرى ماھاتىر بىن مۇھەممەد جانابلىرىغا ئۇچۇق خەت

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكەتۇھۇ!

ھۆرمەتلىك ماھاتىر بىن مۇھەممەد جانابلىرى،

مېنىڭ ئىسمىم ئابدۇلھەكىم ئىدرىس. مەن بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى. مەن بۇ خەتنى سىلىنىڭ يېقىندا مالايسىيا ھۆكۈمىتى ۋە تەشكىلاتلىرىنى مالايسىيادا ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللىماسلىققا چاقىرغان باياناتلىرىغا جاۋابەن يېزىۋاتىمەن.

مەن ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئ‍ۆتەي. مەن خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان  (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى)دا تۇغۇلغان. شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي تەربىيە ئالغاندىن كېيىن، مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. مىسىردىكى ئوقۇشۇمنى تاماملىغاندىنكېيىن، گېرمانىيەگە، كېيىنچە ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلدىم. 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئېزىلگەن ئۇيغۇر خەلقىمنىڭ ھەق-ھۇقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكى ئۈچۈن  كۆرەش قىلىۋاتىمەن.

جانابلىرىنىڭ مېنىڭ مالايسىيالىقلارنىڭ خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىمنى نىشانلاپ، 2023- يىلى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى ئېلان قىلغان باياناتلىرى  مېنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇردى.  شۇ سەۋەبتىن، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشى توغرىسىدىكى بەزى پاكىتلارنى مالايسىيانىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋە داڭلىق مۇسۇلمان رەھبەر بولغان جانابلىرى بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

مېنىڭ ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستان 1949- يىلىدىن بېرى خىتاي كوممۇنىستىك ئىشغالىيىتىدە ئاسىتدا تۇرماقتا. كوممۇنىست پارتىيە نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا زۇلۇم قىلىپ كەلدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا سالغان زىيانكەشلىكى 2017- يىلىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئايلاندى. مەنمۇ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنىڭ بىرى بولۇپ، 6 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، خىتاينىڭ بارلىق شەكىلدىكى ئالاقىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ تاشلىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئاتا-ئانام ۋە يېقىنلىرىم بىلەن ئالاقىلىشالماي كەلدىم. مەن مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئېرىشكەن ئۇچۇرلاردىن ئاتا-ئانامنىڭ، قېرىنداشلىرىمنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا ئەۋەتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم. خىتاي ئايالىم رۇشەن ئابباسنىڭ ھەدىسى دوكتور گۈلشەن ئابباسنى 2018- يىلى ئامېرىكىدا مېنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يوقاپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىم ھەققىدە قىلغان سۆزىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلىدى. بۈگۈنگە قەدەر، بىز دوكتور گۈلشەن ئابباسنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمايۋاتىمىز. 2023- يىلى 8- ئايدا، مەن دادامنىڭ خىتاي جازا لاگېرىدا قازا قىلغانلىقىنى بىلدىم. بۇ زۇلۇم شۇ قەدەر ئېغىركى، ماڭا ھەرقاچان ئۆلگىلىك مۇسۇلمان بولۇشنى ئېيتقان سۆيۈملۈك دادامنىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن 7 ئاي كېيىن خەۋەر تاپتىم.

مېنىڭ ئائىلەمنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىلىرىدىن پەقەتلا بىرى. بۈگۈن، مالايسىيادىن تۈركىيەگىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن پاكىستانغىچە، مۇھاجىرەتتە ياشايدىغان  ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنى ئۇچراتسىڭىز، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھېكايىلەرنى ئاڭلايسىز. 2017- يىلىدىن باشلاپ، خىتاي كومپارتىيىسى مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرىنى يىغېۋېلىش لاگېرلىرىغا سۇلىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىچكى ھۆججەتلىرى، ئامان قالغانلار ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ۋەھشىي جىنايەتلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئىسپاتلىدى ۋە خاتىرىلىدى.

2022- يىلى 8- ئايدا، ب د ت نىڭ سابىق كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىلىرىگە باھا» ناملىق ب د ت كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ۋەھشىي جىنايەتلىرى ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا لاگېرلاردىكى كەڭ كۆلەمدە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، قىيناش ۋە جىنسىي زوراۋانلىق، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسى، پائالىيەتچىلەردىن ئۆچ ئېلىش، تۇغۇت چەكلەش، تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە نوپۇسنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنى مەجبۇرىي تىزگىنلەش، ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىش ۋە بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىش… قاتارلىق جىنايەتلەرگە دائىر پاكىتلار تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئاياللىرى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنغان، مۇسۇلمان ئاياللار جازا لاگېرلىرىدا جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان. دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايىتى «ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق جىنايەتلەرگە باراۋەر بولۇشى مۇمكىن» دەپ خۇلاسە چىقىرىلدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان ۋەھشىيلىكىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ باھالىغان ب د ت نىڭ  مەزكۇر دوكلاتىدىن باشقا، ئاۋىستىرالىيە (كېڭەش پالاتاسى) ، كانادا (ئاۋام پالاتاسى) ، چېخ جۇمھۇرىيىتى (كېڭەش پالاتاسى) ، فرانسىيە (پارلامېنت) ، لىتۋا (پارلامېنت) ، گوللاندىيە ( پارلامېنت) ، تەيۋەن (پارلامېنت) ، ئامېرىكا (دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى)، ئەنگىلىيە (ئاۋام پالاتاسى)، ئىتالىيە (پارلامېنت) ۋە بېلگىيە (تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى)… قاتارلىقلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقانلىقنى ئېتىراپ قىلدى. ب د ت نىڭ 78 – قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى مەزگىلىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا سېلىۋاتقان زىيانكەشلىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئەنگىلىيەنىڭ ب د ت دىكى مۇئاۋىن دائىمىي ۋەكىلى جامېس كارىيۇكى تەرىپىدىن 2023- يىلى 18- ئۆكتەبىردە ب د ت ئومۇمىي قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈچىنچى كومىتېتىغا سۇنغان رايون ھالقىغان باياناتتا: «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى ئاساس قىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەزالىرى داۋاملىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىماقتا» دېيىلدى.

مانا بۇلار، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سۈكۈت قىلىشى ياكى كۆز يۇمۇۋېلىشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى شەك-شۈبھىسىز ئىسپاتلايدۇ. ئاۋىستىرالىيە ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ بىر دوكلاتىغا قارىغاندا، بالىلىرىغا ئىسلامنى ئۆگەتكەن ۋە قۇرئان ئوقۇغان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلىرى جازاغا ئۇچرىغان، 8500 مەسچىت ۋەيران قىلىنغان، تارىخى مەسچىتلەر قاۋاقخانا ۋە ئاشخانىلارغا ئۆزگەرتىلگەن، قۇرئانلار يىغىۋېلىنىپ كۆيدۈرۈلگەن. 2018-يىلى، خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرئان كەرىمنى ئەرەبچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان مەشھۇر ئۇيغۇر دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللامنى يىغىۋېلىش لاگىرىدا قىيناپ ئۆلتۈردى.

ختاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە خەۋەرلەر 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بىر يىلدىن كېيىن، سىلى مالايسىيا باش مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان ۋەھشىيلىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى. ھالبۇكى، سىلى مەنسەپتە تۇرغان ۋاقىتلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان ۋەھشىيلىكىنى ئوتتۇرىغا قويمىدىلا ۋە سۆزلىمىدىلە. باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ نۇمۇس قىلماي قاراپ تۇردى. پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئىمران خان ئەزۋەيلەپ ھەتتا «ئۇيغۇرلارنى بىلمەيدىغانلىقىنى» ئېيتتى؛ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا، 2019- يىلىدىكى قارارىدا ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى ماختىدى.

بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەشتە، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم. بىراق، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، سىلى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئىسلام دۇنياسى بىزدىن ۋاز كەچتى. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەر خىتاي كومپارتىيىسى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مەنپەئەتىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ھاياتى ۋە ماماتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويدى. مۇسۇلمان رەھبەرلەر خەلقئارادا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دەۋاسىنى قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا خىيانەت قىلىپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشتى. ئىسلام دۇنياسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توسۇش ئۈچۈن ماھىيەتلىك ھېچبىر ئىش قىلمىغان ۋاقىتتا، غەرب ھۆكۈمەتلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىتايغا قارشى تۇردى ۋە بۇ ۋەھشىي جىنايەتنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىدى.

ئىسلام دۇنياسى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ كىرزىسنى پەقەت غەرب ھۆكۈمەتلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇۋاتقانلار ئاساسەن غەرب ھۆكۈمەتلىرى بولۇۋاتىدۇ.

شۇغىنىسى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ جىنايەتكە شېرىك بولۇشى سەۋەبىدىن، غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ خىل تېرىشچانلىقلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتالمىدى. مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتاينى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېنكار قىلىپ، بۇنى «غەربنىڭ سۇيىقەستى» دەپ كەلدى. ناۋادا سىلى ۋەكىللىك قىلغان ۋە يەنىلا مۇھىم رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئىسلام دۇنياسى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىنغان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە دىنىي زىيانكەشلىكلەرگە ئېنكاس قايتۇرغان بولسا، خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقات پائالىيىتى مەغلۇپ بولغان بولاتتى. تولىمۇ ئەپسۇسكى، مۇسۇلمان ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى داۋاملىق قوللاۋاتىدۇ.

ئىسلام دۇنياسىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان مالايسىيانىڭ باش مىنىستىرى بولۇش سۈپەتلىرى بىلەن، بىز سىلىنىڭ رەھبەرلىك قابىلىيەتلىرىگە قايىلمىز ۋە قىلغان خىزمەتلىرىگە مىننەتدارمىز. جانابلىرىنىڭ مالايسىيانىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە قىلغان سۆزلىرى مېنىڭ «قىزىل قىيامەت: خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىنى مۇستەملىكە قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ناملىق كىتابىمغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ كىتابتا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.  خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى دۇنيانى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆزىگە باغلاش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» تەشەببۇسىغا قارشى چىقىشلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. خىتاي يولغا قويغان بۇ تۈرلەرنىڭ ئاساسلىقى بېيجىڭنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى باياناتلىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جانابلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ يامان غەرەزگە يېتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدىغانلىقىدا ھېچ شەك يوق. ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بېشىغا سىلى ئاگاھلاندۇرغان ئاقىۋەتلەر كېلىۋاتىدۇ.

ۋاھالەنكى، بىز سىلىنىڭ مالايسىيا ھۆكۈمىتى ۋە مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى (ABIM) گە ئوخشاش زۇلۇمغا ئۇچرىغان مۇسۇلمانلارنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەۋاتقان تەشكىلاتلارنى بىز بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈشكە چاقىرغانلىقلىرىدىن تولىمۇ ھەيران قالدۇق ۋە قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۇق. بىزنىڭ يوللۇق ھىمايىچىلىك پائالىيەتلىرىمىزگە ۋە ABIM نىڭ مالايسىيادا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ماختاشقا سازاۋەر خىزمەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئىسلام بىزگە ئۆگەتكەن «ھەققانىيلىق ۋە ئادالەت»تىن ئىبارەت ئاساسىي پرىنسىپلارغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

ئاۋازسىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاۋازى بولۇش ئورنىغا، ئۇلارنىڭ ئازابىنى شەخسىي سىياسىي مەنپەئەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ ئەيىبلەشكە تېگىشلىك بىر قىلمىشتۇر.  سىلىنىڭ ئېزىلگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش ئورنىغا، ئويغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان كوممۇنىست خىتاي دۆلىتى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشتىن ئىبرەت بۇ پوزىتسىيەلىرى سىلىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىگە شېرىك قىلىدۇ.

ئاخىرىدا، جانابلىرىنىڭ بىزنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزگە ھېسداشلىق قىلىشىنى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىغا قارىتىلغان خاتا ئەيىبلەشنى ئاساس قىلغان باياناتنى قايتۇرۇۋېلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. بىز يەنە سىلىدىن خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىنى قەتئىي ئەيىبلەپ، ئەخلاقلىق ۋە باتۇر مۇسۇلمان رەھبەر سۈپىتىدە ئىسلام دۇنياسىغا ئۆلگە بولۇشلىرىنى سورايمىز.

ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت، ئەقىللىرىنى روشەن قىلغاي!

ھۆرمەت بىلەن:

ئابدۇلھەكىم ئىدرىس

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى

2023- يىلى 20- نويابىر

 

ئەسكەرتىش:

مەزكۇر ئۇچۇق خەتنى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس مالايسىيانىڭ سابىق باش مىنىستېرى ماھاتىر بىن مۇھەممەدنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان مالايسىيا ھۆكۈمىتى ۋە تەشكىلاتلىرىنى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن ئالاقە قىلماسلىق چاقىرىقىغا جاۋابەن يازغان بولۇپ، خەتنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ئىنگلىزچە تور بىكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ