• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ھىندىنوزىيەدە يېڭىدىن بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئىسلام دۇنياسىغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ،   مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ھىندىنوزىيەدىكى ئىلمىي ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلىرى  بارغانسېرى جانلانماقتا.   ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ھىندىنوزىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن بىرلىشىپ،  نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرنى ھىندىنوزىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە تۇنۇشتۇرۇش ۋە خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىنى پاش قىلىشقا  تېرىشىپ كەلدى.   ھىندىنوزىيەدە يېڭىدىن بىر قاتار  ئىلمىي ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن    مەزكۇر تەشكىلات  مۇشۇ ئاينىڭ 8- كۈنى   يېڭىدىن بىر  يۈرۈش  پائالىيەتلەرنى باشلىدى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس  باشچىلىقىدىكى تۆت كىشىلىك  بىر ھەيئەت  ئالدى بىلەن   ھىندىنوزىيەنىڭ يوگياكارتا شەھىرىگە كېلىپ، بۇ شەھەرگە جايلاشقان ھىندىنوزىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە دىنىي باستۇرۇشلار  ھەققىدە لېكسىيە بەردى.   ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھىندىنوزىيە ياشلار شۆبىسى  بىلەن بىرلىشىپ تەشكىللىگەن  بۇ  مۇھاكىمە يىغىنىغا  نۇرغۇنلىغان ئاكادىمىسيەنلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى. پائالىيەت جەريانىدا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىلدى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن تەييارلانغان كىتاب  ۋە دوكلاتلار تارقىتىپ بېرىلدى.

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىن كېيىن  مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى  ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ھەيئىتى   يوگياكارتا شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ياشلار تەشكىلاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مەزكۇر ھەيئەت يوگياكارتا شەھىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن مۇشۇ  ئاينىڭ 11- كۈنى ھىندىنوزىيەنىڭ ماخاسسار شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىكى  مۇھەممەدىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. بۇ يىغىننى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ۋە باشقا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن  بولۇپ،  يىغىندا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشى جىددىي  چاقىرىق قىلىندى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھىندىنوزىيەدىكى پائالىيەتلىرى  خىتاي رېجىمىنى قاتتىق راھەتسىز قىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە كۈن مابەينىدە ھىندىنوزىيەدىكى خىتايپەرەست مىدىيالار ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىگە ۋە خەلقئارادىكى ئۇيغۇر دەۋاسىغا  ھۇجۇم قىلىدىغان خەۋەرلەرنى كەينى-كەينىدىن تارقىتىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ھىندىنوزىيە پائالىيىتى مۇشۇ ئاينىڭ 20 – كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ