• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى

2023- يىلى 09- ئاينىڭ 26- كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە «خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 74- يىلىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى» ناملىق ئىلمي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى، دۇنيا ئ‍ۇيغۇر قۇرۇلتېيى ۋەقپى، ئ‍ۇيغۇر ئاكادېمىيىىسى ۋەقپى، شەرقىي تۈركىستان تەتقىقاتلىرى ۋەقپى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى قاتارلىق بەش تەشكىلات بىرلىشىپ تەشكىللىدى. يىغىنغا ھەر قايسىى سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرى، ئاكادېمىسيەنلەر ۋە مۇخبىرلار ئىشتىراك قىلدى.

يىغىن ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلھەمىد قاراخان رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىننىڭ ئېچىلىش قىسمىدا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروگرامما مەسئۇلى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا باشقا تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتارىدا مەركىزىمىزگە ۋاكالىتەن ئېچىلىش سۆزى قىلدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاي قىزىل ئارمىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىش تارىخىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئارقىدىن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئاخىرىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى پروفىسسور ئەركىن ئەمەت تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى توغرىسدا توختالدى.

يىغىن ئاخىرىدا لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەر ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرى سەھنىگە چىقىپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ