• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھىندىنۇزىيەدىكى پائالىيەتلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇشۇ ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە ھىندىنۇزىيەنىڭ پايتەختى جاكارتادا يەرلىك ئۇنىۋېرسىتېت ۋە تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۈچ مەيدان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئ‍ۆتكۈزدى.

ھىندىنۇزىيە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى (KAHMI)، ھىندىنۇزىيە ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىېتى ۋە پارامادىنا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئىلىم يۇرتلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتلەرگە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. بۇ پائالىيەتلەرگە ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىگە ۋاكالىتەن مۇدىر ئابدۇلھەكىم ئىدرىس  باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت ئىشتىراك قىلدى.

ئالدى بىلەن مۇشۇ ئاينىڭ 12- كۈنى ھىندىنۇزىيە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى (KAHMI)دا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە كىشىلىك ھۇقۇق مەسىلىلىرى» دېگەن تېمىدا خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيۇشمىنىڭ رەئىسى رومو ھ. ر. مۇھەممەد قاتارلىقلاريىغىندا ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئېچىلىش سۆزىدىن كېيىن ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، ھىندىنۇزىيە ئۇنىۋېرسىتىېتىدىن دوكتور سىيارانى روفى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھىندىنۇزىيە ياشلار شۆبىسىنىڭ باشلىقى ئاسترىد ناديا رىزقىتا ۋە ژۇرنالىست ئېر سىنتاۋاتى قاتارلىق تۆت كىشى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە دوكلات بەردى.

ئارقىدىن مۇشۇ ئاينىڭ 13- كۈنى ھىندىنۇزىيە ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىرزىسلارنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا بىر قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىغا قارشى دۇنياۋى سەپەرۋەرلىك قوزغاشنىڭ يوللىرى ۋە خەلقئارا قانۇندىن پايدىلىنىشنىڭ ئىمكانلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس سۆز قىلدى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ھىندىنۇزىيە ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت قارمىقىدا «كۇڭزى ئىنىستىتۇتى» تەسىس قىلىنغان. بۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ بۇ ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بۇ پائالىيىتى نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئاخىرىدا مۇشۇ ئاينىڭ 14- كۈنى جاكارتادىكى پارامادىنا ئۇنىېۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر مەيدان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ۋە  ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھىندىنۇزىيە ياشلار شۆبىسى بىلەن بىرلىكتە تەشكىللىگەن بۇ پائالىيەتكە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار نەق مەيداندىن ياكى توردىن قاتناشتى. يىغىندا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس  بىر قىسىم سەزگۈر سۇئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھىندىنۇزىيەدىكى پائالىيەتلىرى يەنە داۋام قىلىدۇ.

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ