• ۋاشىنگىتون
بىزگە ئەگىشىڭ:

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ ھىندىنۇزىيەدىكى پائالىيەتلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ (2)

ئابدۇلھەكىم ئىدرىس  باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ھەيئىتىنىڭ ھىندىنۇزىيەدىكى پائالىيەتلىرى يەنىلا داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇشۇ ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە ھىنىدىنۇزىيەنىڭ باندۇڭ ۋە مەدان شەھەرلىرىدە يەرلىكتىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىشىپ يېڭىدىن بىر قاتار ئىلمىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.

ئالدى بىلەن مۇشۇ ئاينىڭ 15- كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ باندۇڭ شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئىسلامىي تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «پەرسىس»نىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستاننى بىرقانچە قېتىم زىيارەت قىلغان ھىندونېزىيەلىك ئاززام مۇجاھىت ئەپەندى ئۈرۈمچىدىكى بىر مەسچىتتە كۆرگەنلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە «مەن ئۇيغۇرلارغا ‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم› دېسەم، ئۇلار ‹ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام› دەپ جاۋاب بېرەلمىدى. چۈنكى بۇنداق جاۋاب قايتۇرۇش جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن». ئەززام مۇجاھىتنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئەھۋاللارنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىشى يىغىن ئەھلىنى تېخىمۇ قايىل قىلدى. يىغىن ئاخىرىدا، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىسنىڭ «قىزىل قىيامەت: خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىنى مۇستەملىكە قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ناملىق كىتابىنىڭ ھىندىنۇزىيەچىسىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇشۇ ئاينىڭ 16- كۈنى يەنە مەزكۇر شەھەردىكى ئەلغىفارى (Alghifari)  ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىر مەيدان خەلقئارالىق يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھىندىنۇزىيە ياشلار شۆبىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان بۇ يىغىندا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سىياسەت ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى دىنا خانىم ئېچىلىش سۆزى قىلدى. يىغىندا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھىندىنۇزىيە ياشلار شۆبىسىنىڭ باشلىقى ئاسترىد ناديا رىسقىتا، باندۇڭ شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئىسلامىي تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان «پەرسىس»نىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتچىسى ئىمام ساپيون ۋە «ئۇيغۇر، سۈرىيەلىك، پەلەستىنلىك ۋە ئافغانىستانلىق مۇساپىرلار ئىنسانپەرۋەرلىك كومىسيونى»نىڭ باشلىقى ئانتون مىناردى قاتارلىقلار دوكلات سۇندى.

ئارقىدىن مۇشۇ ئاينىڭ 18- كۈنى ھىندىنۇزىيەنىڭ يەنە بىر شەھىرى مەدانداكى نۇسانتارا ئەل ۋاشلىيا مۇسلىم ئۇنىۋېرسىتېتدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يەنە بىر مەيدان خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا توققۇز تەشكىلات ياكى ئورگان بىلەن بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان بۇ يىغىندا ۋاشلىياھ تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور ماسغۇرى، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرى دوكتور فىرمانسىياھ ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھىندىنۇزىيە ياشلار شۆبىسىنىڭ باشلىقى ئاسترىد ناديا رىسقىتا قاتارلىقلار تەبرىك سۆزى قىلدى. مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئالتە كىشى دوكلات سۇندى.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

يازما يۆتكەش

Leave Your Comments

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

نەشر ھوقۇقى ئۇيغۇر تەتقىقاتى مەركىزىگە تەۋە - بارلىق ھوقۇقلار قوغدىلىدۇ